مانا ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىپ يۈرگىلىمۇ بىريىل بولاي دەپ قاپتۇ، بۇ جەرياندا لىنكۇس سېستىمىسىغا بولغان قارىشىم بۇرۇنقىدىن باشقىچە بولدى. بىر سۆز بىلەن ئىيىتسام ”ئەركىن“.
ئاڭلىشىمچە ئۇبۇنتۇ 12.04 نۇسخىسى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلىش نىسپىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان مەشخۇلات سىستىمىسى بولۇپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش نىسپىتى 98% گە يىتىدىكەن، ھەمدە لىنكۇس 3.2 يادىروسى ئىشلىتىلگەن ئىكەن.
12.04 نۇسقىسىنىڭ ئىلان قىلىنغانلىقىنى خىلى بۇرۇن ئاڭلىغان بولساممۇ ئالدىراشچىلىقتا نەشىرىنى كۆتۈرمىگەن ئىدىم. يىقىندا 11.10 نۇسقىسنىڭ ھۆججەتلىرىنى يىڭىلاش ئۇچىرى كەپتىكەن، يىڭىلىنىش تاماملاپ، قايتا قوزغاتسام كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغاتقۇچىسى ئىشلىمەي قويدى، خىلى ھەپىلشىپمۇ ھەل قىلالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ باھانە بىلەن يىڭىلاپ قويمايمۇ دەپ يىڭىلاش بۇيرىقىنى بىرىپ قويسام بىريىرىم سائەتلەر ئەتراپىدا يىڭىلىنىپ قايتا قوزغۇلۇپ تەييار بولدى. شۇنىڭبىلەن ئۇبۇنتۇ 12.04 نى ئىشلىتىشنى باشلىۋەتتىم.
تۆۋەندىكىلىرى ئىشلىتىش جەريانىدىكى تەسىراتلىرىم:
1. ئۈستەل يۈزىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى بۇرۇۇنقىدىن كۆركەملەشتۈرۈلىپتۇ.
- مەۋھۇم تام رەسىمى ماڭا بۇرىنقىدىن كۆركەم بىلىندى.
- سول تەرەپ تىزقوزغىتىش سىتونىنىڭ ھەجىمىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى قوشۇلۇپتۇ، بىراق بۇرۇنقىدەك ئاپتوماتىك يۇشۇرۇنمايدىكەن(ئاپتۇماتىك يۇرۇنۇشقا تەڭشەشكە بولىدۇ).
2.قولاي ئىزدەش ئىقدىدارى قىتلغان
- ئىشلىتىۋاتقان دىتالنىڭ مەلۇم بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇزماقچى بولساق ئۇنى سىيرىلما كۆزنەكتىن ئىزدەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، پەقەت Alt كونۇپكىسىنى بىسىپ ئىزدەش رامكىسىغا بۇيرۇق نامىنى يازساقلا مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقلارنى چىقىرىپ بىرىدىكەن.
- ئىنتىرنىتتىن فىلىم ئىزدەش ئىقدىدارى قىتىلغان بولۇپ، سېستىما كونۇپكىسى(ۋىندوۋس كونۇپكىسى) نى بىسىپ ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈسسىڭىز مۇناسىۋەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىپ بىرىدىكەن.
- ئەگەر تىزلىتىش كونۇپكىلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز سېستىما كونۇپكىسىنى قويىۋەتمەي بىسىپ تۇرسىڭىز بولىدىكەن.
3. يىڭى تارقىتىلغان بولغاچقا سېستىمىدا بەزى خاتالىقلار بولسا كىرەك، ئىشلەتكەن نەچچە كۈن جەريانىدا بىرقانچە قىتىم خاتالىق مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى چىقتى. بۇ خاتالىقلار تىزلا تۈزىتىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.
مانا بۇلار ھازىرچە بايقىغانلىرىم.
بەزى يىڭىلىقلارنى ئەتىراپلىق سىناق قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن خاتا بولۇپ قاپتۇ، ئۆزگەرتىلدى.
ئارمانىم
2012.5




